باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ليۇ يەندوڭ كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ پەن تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى

2015.10.28 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 26 -ئۆكتەبىر جۇڭنەنخەيدە كۇبا دۆلەت كوممىسارىياتىنىڭ پەن تېخنىكا مەسلىھەتچىسى فىدېل كاستىرو دىئاز ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ليۇ يەندوڭ كۇبانىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى ۋە پەن تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى نەتىجىلەرنى ماختىدى. ليۇ يەندوڭ مۇنداق دېدى، جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدا تەرەققىيات ياخشى بولدى، ھەمكارلىق ساھەلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، قاتلىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  دىئاز كۇبا جۇڭگونىڭ پەن تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ،ئىككى تەرەپنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر