باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى تۆت يۈز ئىلغار تىپنى سايلاش پائالىيىتى باشلاندى

2015.10.28 14:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت مەدەنىيلىك ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە يۈز ئەڭ ياخشى پىدائىي، يۈز ئەڭ ياخشى پىدائىيلىق مۇلازىمەت تۈرى، يۈز ئەڭ ياخشى پىدائىيلىق مۇلازىمىتى تەشكىلاتى، يۈز ئەڭ ياخشى پىدائىيلىق مۇلازىمىتى مەھەللىسى قاتارلىق پىدائىيلىق مۇلازىمىتىدىكى تۆت تۈرلۈك يۈز ئىلغار تىپنى تەشۋىق قىلىش، سايلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىدۇ: پىدائىيلىق مۇلازىمىتىدىكى تۆت تۈرلۈك يۈز ئىلغار تىپنى تەشۋىق قىلىش، سايلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش-پىدائىيلارنى تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىناق، دوستانە كىشىلىك مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈشكە؛ ئەڭ ياخشى پىدائىيلىق مۇلازىمىتى تۈرلىرىنىڭ ئاكتىپ ئۈنۈمى ۋە ئەڭ ياخشى پىدائىيلىق مۇلازىمىتى مەھەللىلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پىدائىيلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىش، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ياخشىلىققا، ساۋابلىق ئىشلارغا ئىنتىلىدىغان، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشقا پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر