باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى مەدەنىيەت تاجاۋۇزىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۈمىد قىلدى

2015.10.28 08:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئالىملارنىڭ كۆزقارىشىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، غەرب ئەللىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتتىن خالى تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەگە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىپ، بەزى مەكتەپلەرنى ھەقسىز دەرسلىك بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا غەرب ئىدىيەسىنى سىڭدۈرگەن. شۇڭا ئالىملار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى مەملىكەت بويىچە دەرسلىكلەرنى بىر تۇتاش قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، غەربنىڭ «مەدەنىيەت تاجاۋۇزى»غا تاقابىل تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

  رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 26-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «رۇسىيە مەكتەپلىرىدە ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئىزلىرى بايقالدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە دۆلەت دۇماسى مائارىپ كومىتېتى زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەكتەپلەردە بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك ئىشلىتىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: پۇتىن بۇلتۇر مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق پەنلىرىنىڭ دەرسلىكى مەملىكەت بويىچە بىردەك بولۇش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇ تەشەببۇسنىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئالماشقاندىن كېيىن، دەرسلىك پەرقى سەۋەبىدىن قىينىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئىدى.

  رۇسىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى سېرگى سېبورىنكىن مۇنداق دېدى: بىز بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك ئارقىلىق دۆلەت ئېھتىياجلىق ۋەتەنپەرۋەر پۇقرالارنى تەربىيەلىشىمىز، بالىلارغا بىرلىككە كەلگەن مەنىۋى ئەخلاق بوشلۇقى يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. موسكۋا دۆلەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتى تارىخ ۋە سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ئولىگا چېتۋېلىكوۋا مۇنداق دېدى: ھازىرقى مائارىپ ئەھۋالى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مەسىلە تۇغدۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار رۇسىيەدىكى چەتئەل ئاپپاراتلىرىنىڭ كونترول قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى، بۇ چەتئەل ئاپپاراتلىرىنىڭ بالىلارغا ئىسلاھات ئېڭىنى سىڭدۈرىدىغان بىر قاتار پىلانلىرى بار. ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات تارماقلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. موسكىۋا ئوچۇق مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالېكىس رۇبۇكوف مۇنداق دېدى: ھازىر دەرسلىكلەردىكى ئاساسلىق مەسىلە ئىجتىمائىي پەنلەردە. بۇ پەنلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنىڭ %80ىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن مىساللار غەرب مۇتەپەككۈرلىرى مۇنازىرىلىرى توغرىسىدىكى مەزمۇن. ئەجىبا رۇسىيەنىڭ مۇتەپپەككۈرى يوقمۇ؟ رۇسىيە دۆلەت دۇماسى مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مارىنا نەزەروۋا مۇنداق دېدى: ئىقتىسادىي سەۋەبنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ جەزمەن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك ئىشلىتىش لازىم. ھازىر بازاردىكى دەرسلىكلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ، بەزى جايلار مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن، ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى سۈپەتلىك دەرسلىكلەرگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. رۇسىيە سىياسىي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇھسىن بۇندىن بۇرۇن مۇنداق دېگەن ئىدى: ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەتتىن خالى بەزى تەشكىلاتلىرى رۇسىيەنىڭ بەزى جايلىرىدىكى مەكتەپلەرگە ھەقسىز دەرسلىك بەردى، ھەر يىلى بۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت مىليارد يۈەنگە تەڭ كېلىدىغان تەخمىنەن 40 مىليارد رۇبلى خەجلىدى، مەقسىتى رۇسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا شەخسىيەتچى سىياسىي ئاڭ شەكىللەندۈرۈش ھەمدە ئۇلارغا غەربنىڭ ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش.

  رۇسىيە «موسكىۋا كومسۇمۇللىرى گېزىتى»نىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى سانىدا مۇنداق دېيىلدى: سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىر كونسىپىك، بىر يۈرۈش دەرسلىك، بىر نەشرىياتقا مەركەزلەشكەن، مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار دەرسلىكلەرنى ئۆز ئالدىغا تاللىيالمايتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ دەرسلىك تۈزىمى دۆلەت تەكشۈرۈپ بېكىتىش ، بىر كونسىپىك، كۆپ يۈرۈش دەرسلىك، كۆپ نەشرىيات ئەركىن نەشىر قىلىپ تارقىتىشقا ئۆزگەرتىلدى، مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەركىن تاللىيالايدىغان بولدى.

  رۇسىيە مائارىپ ۋە پەن مىنىستىرلىكىنىڭ مەسئۇلى جابدۇراخمانوۋا بۇ تەنقىدلەرگە قارىتا مۇنداق دېدى: دەرسلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرگىزمۇ مائارىپ مەزمۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەس، بولمىسا كونا ئۆلچەمگە قايتىپ قالىمىز. بۇندىن باشقا، رۇسىيەدە 59 مىللەتنىڭ تىلىنى قانداق بىرلىككە كەلتۈرىمىز؟ بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك پىلانىنى يولغا قويغاندا، مائارىپ تامراقلىرى ناھاىيىتى ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ مەسىلە بارلىق مىللىي ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلەرگە چېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر