باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>5-ئۇمۇمىي يىغىن

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «يىللىق ئىمتىھان»دا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرايلى

2015.10.27 17:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 12 قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئىقتىساد، قانۇن ئىدارە قىلىش، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان، ئىسلاھاتقا دائىر 54 پارچە ھۆججەتنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تەپەككۇرى ئېنىق، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرگەن، گىرەلەشكەن «ئومۇمىي خەرىتىسى»نى سىزىپ چىقتى.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات خەرىتىسى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، ئىسلاھات ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى نەتىجىلىك بولدى، ئىدارە قىلىش ھوقۇقى ئىسلاھاتى تاكتىكىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، نازارەتچىلىكنى ئىسلاھ قىلىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، ئاچقۇچلۇق يىلدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ «ئىسلاھات ھاسىلاتى تۇيغۇسى» ئاتا قىلىندى.

  ئىسلاھاتنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلىدا، نامايەندە خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاۋار سودىسى دۆلىتىگە ئايلىنىپ، چەت ئەلنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت سودىگەرلىرىنى كۆپلەپ جەلب قىلىپ، چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشتا دۇنيا بويىچە 3-ئورۇنغا ئۆتۈپ، دۇنيا سودا ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ قاتناشتى. 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى» رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادى يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەندى. تاشقى سودىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن رايون ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشقىچە؛ تاشقى سودا مەبلىغىنى باشقۇرۇش يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشتىن، قانۇن ئىدارە قىلىپ، خەلقئارالاشتۇرۇلغان تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىشقىچە؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى ئورتاق قۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشتىن، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىشكىچە... ئېچىۋېتىلگەن ئىچكى-تاشقى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىرلەشتۈرۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. نۇرغۇن چەت ئەل كارخانىچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىم جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ ھەم دۇنيانى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر