باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2013-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئۆلكە ھالقىپ داۋالىنىشتىكى بىر كارتا خىزمىتى باشلىدى

2015.10.27 17:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا داۋالىنىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۆلكە ھالقىپ داۋالىنىشتىكى بىر كارتا خىزمىتىنى باشلىدى، ھازىرغىچە شىنجاڭ شەنشى، خەينەن، جىلىن، سىچۈەن بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىشتىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ داۋالىنىش تەلىپىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىدەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېلىشىمگە ئاساسەن، شىنجاڭدىكى بىمارلار باشقا ئۆلكىلەردە داۋالانغاندا سۇغۇرتا كارتىسى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ، ھىسابات قىلسا، دورا سېتىۋالسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىن پۇل تۆلىشى ھاجەتسىز ، بۇ سۇغۇرتىغا قاتناشقان كىشىلەرگە كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  سىياسىسى مۇقىم، ئىقتىسادى گۈللەنگەن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرىلىن نۇرغۇن جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنى جەلىپ قىلماقتا.

  چەتئەل تاراتقۇلىرىدا مۇنداق خەۋەر بېرىلدى: ئۆزى شاڭخەيدىكى ئېگىز بىنالاردا تۇرۇپ، بېرلىندىكى كونا ئۆيلەرنىڭ باھاسى ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن قىززىق تۇيىلىدۇ، ھازىر تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇقلار بېرلىنغا قىزىقىپ قالدى، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بېرلىننىڭ ئۆيلىرىگە قىزىقىپ قالدى.

  گېرمانىيە ئاۋازى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تور بېكىتىدە 25-ئۆكتەبىر بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا شاڭخەي شەھىرىدە ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ بىر كىۋادرات مېتىرى ئاز دىگەندىمۇ 7 مىڭ ياۋرو ئىكەن، ئورنى ياخشىراقلىرىنىڭ ھەتتا 15مىڭ ياۋروغا چىقىدىكەن، بۇ باھا بېرىلىننىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى، گېرمانىيەنىڭ پايتەختىدىن ئۆي سېتىۋېلىش شاڭخەيلىكلەرنىڭ نەزىرىدە ناھىيىتى ئەرزان پۇل سەرىپ قىلىپ، پۇلنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قالىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.

  بىر ۋاستىچى شىركەتنىڭ ياللانما خادىمى مۇنداق دېدى: ياۋروپا ۋە گېرمانىيەدىكى باشقا شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا بېرلىندىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى نىسبەتەن ئەرزان، نۆۋەتتە ياۋرونىڭ پېرىۋود نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە گېرمانىيە ناھايىتى مۇقىم، كىشىلەر بىخەتەر، ئىشەنچلىك پۇل ساقلاش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ ئەمما پاي بازىرىدا پاي داۋاملىق چۈشىۋاتىدۇ، گىېرمانيە ناھايىتى ئىشەنچلىك، يەنە كېلىپ بېرلىن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى، خېرىدارلارنىڭ ئۇ يەرگە مەبلەغ سېلىشى ناھايىتى بىخەتەر.

  بۇ ياللانما خادىم ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى، ئۇ خىزمەت قىلىدىغان شىركەت بىر خەلقئارالىق كارخانا بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى بېرلىندىكى يېنىك رېلىسلىق قاتناش ئايلانما لىنيەلىرى ئىچىدىكى كونا ئۆيلەرنى تونۇشتۇرۇپ، سېتىۋالىدىغان مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەرنى ئىزدەش ۋە كونا ئۆيلەرنى يېڭىلاش. بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلار رىمونت قىلىپ يېڭىلانغان ئۆيلەرنىڭ ئىگىلىرىگە ئايلىنىدۇ، قالغان ئىشلارنى ۋاستىچى شىركەتلەر ۋاكالىتەن بېجىرىدۇ، ئالايلۇق، ئۆي باشقۇرۇش ۋە ئىجارە ئالغۇچىلارنى ئىزدەش دېگەندەك، بۇ كارخانىلار ھازىرغىچە بېرلىندىكى 1800 يۈرۈش ئۆينى سېتىپ بولدى، سېتىۋالغۇچىلارنىڭ 3دىن بىرى جۇڭگولۇق خرىدارلار، يەنى شۇ جايدىكى جۇڭگولۇقلار ياكى جۇڭگودا ياشايدىغان ئەمما ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىش ئويى بارلار.

  ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بېرلىنغا بېرىپ باقىمىغان جۇڭگولۇقلار بۇ شەھەرنى ئانچە چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا بىز ئالدى بىلەن بېرلىننى چۈشەندۈرۈپ، يېڭىدىن ئېچىلغان نۇرغۇن شىركەتلەرنى تونۇشتۇرىمىز، گېرمانىيە فدراتسىيە ھۆكۈمىتى، ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىۋاتقان شەھەر رايونى، ئالايلۇق يېڭىدىن سېلىنغان فىدراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى بىناسى دېگەندەكلەرنى تونۇشتۇرىمىز.خەلقئارادا مەبلەغ سېلىۋاتقان سودىگەرلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بېرلىنغا بېرىپ باققان، ئۇلار زامانىۋىي بۇ شەھەردە قويۇق سەنئەت كەيىپياتىنىڭ بارلىقى، ياشلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۆي ئىجارىگە بېرىش چوڭ مەسىلە ئەمەس.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا گېرمانىيەدە ناھايىتى چىڭ ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى بار، ئەمما بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنى قورقىتالمايدۇ، ئۇلار مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى ۋە مۇقىملىقى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بېرلىندىكى ئۆي باھاسى ئۆرلەيدۇ دەپ پەرەز قىلىشىدۇ.

  مەلۇم بىر خەلقائارا بوغالتىرلىق ئورنى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلش دوكلاتىدا مۇنداق دەپ قارالدى: بېرلىن نۆۋەتتە ياۋروپادا مەبلەغ سېلىشتا نەپ ئېلىش نىسبىتى ئەڭ ياخشى شەھەر، شۇڭا چەتئەللىك سودىگەرلەر يوپۇرلۇپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ۋە شياڭگاڭدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلار بار.

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى زور تۈركۈم شياڭگاڭلىقلار لوندۇنغا بېرىپ ئۆي ئالغان، ئەمما لوندۇندا ئۆي باھاسى ئاللىقاچان ئۆسۈپ بولغاچقا، يەنە ئۆرلىگۈدەك بوشلۇق قالمىغان ئىدى، ھازىر مەبلەغ سېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان نۇرغۇن شىياڭگاڭلىقلار، بىخەتەر جاينى ئىزدەۋاتىدۇ، ئۇنداقتا بېرلىن دەل ئۇلار ئىزدەۋاتقان بىخەتەر جاي.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: سىياسىسى مۇقىم، ئىقتىسادى گۈللەنگەن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرىلىندا ئۆي باھاسى يەنىلا تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلاپ كەلمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ شەھەر كېڭىيىۋاتقان بولغاچقا، ئۆي قىسچىلىقى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ئۆي ئىگىلىرى ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى خوش خەۋەر، شۇنىسى چۈشىنىشلىككى جۇڭگولۇقلار بېرلىندا ئۆي سېتىۋالغان ھامان بېرلىنلىقلار ئۆي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىگە پىسخىكا جەھەتتىن ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر