- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«بېيجىڭدا مەمۇرىي تەستىقلاشنى باشقۇرۇشنى تەڭشەش قارارى» چىقىرىلدى
2015.10.28 14:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن يېقىندا «بېيجىڭدا ئالاقىدار مەمۇرىي تەستىقلاش ۋە ئىجازەتنى ۋاقىتلىق تەڭشەشنى ئالاھىدە باشقۇرۇش ھەققىدىكى قارار»نى چىقاردى، بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن تارتىپ يولغا قويۇلدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان ئېچىۋېتىشچان ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىشتۈرۈش، ئېچىۋېتىشچان ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بۇ يىل 5-ماي بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇلازىمەتچىلىكنى كېڭەيتىپ ئېچىۋېتىش ھەر تەرەپلىمە سىنىقىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى تەستىقلىغان ئىدى، بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ شەھىرى پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى، ئىنتېر تورى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت، مائارىپ مۇلازىمىتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، سودا ۋە ساياھەت مۇلازىمىتى، ساغلاملىق، داۋالاش مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ساھەنى يەنىمۇ سىرتقا ئېچىۋېتىپ، چەتئەل مەبلىغىنىڭ پاي ھوقۇقى نىسبىتىگە بولغان چەكلىمىنى ئازايتىپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تىجارەت سالاھىيىتى ۋە تىجارەت دائىرىسىگە بولغان چەكلىمىنى قىسمەن ياكى تولۇق بوشىتىپ، مەبلەغ سېلىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىلاشنى تېزلەتتى شۇنداقلا چەتئەل مەبلىغىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىش قەدىمىنى تېزلەتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر