باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

سىياسىي ئىنتىزامنى 1- ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرايلى

2015.10.26 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  25-ئۆكتەبىر نەشردىن چىققان خەلق گېزىتىدە «سىياسىي ئىنتىزامنى 1- ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: بىر پارتىيە ئەزاسىغا نىسبەتەن ئىنتىزام يۇقىرى بېسىملىق توك بولۇشى؛ بىر پارتىيە ئۈچۈن ئىنتىزام ھاياتلىق لىنىيەسى بولۇشى كېرەك. نۆۋەتتە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان«جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پاك تەلەپچان بولۇش مىزانى»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» 87 مىليوندىن ئارتۇق كومپارتىيە ئەزاسى ئۈچۈن ئىدىيە ۋە ھەرىكەت مىزانىنى بېكىتىپ بەردى. بولۇپمۇ «نىزامدا» پارتىيەنىڭ ئىنتىزامى ئالتە چوڭ ئىنتىزامغا يىغىنچاقلاندى ھەمدە سىياسىي ئىنتىزام 1- ئورۇنغا قويۇلدى، بۇ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش قائىدىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى شۇنداقلا پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ يىلتىزىنى چىڭ تۇتقانلىق.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ پۈتۈن ئىنتىزامى ئىچىدە سىياسىي ئىنتىزام باش بولۇپ ھەممىنى باشقۇرىدۇ. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى مەڭگۈ 1-ئورۇنغا قويۇش كېرەك. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام»دا مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىكى گەۋدىلىك ئىپادىلەرگە قارىتا، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە تەكىتلىنىپ، قاتتىق سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىدىن ئىبارەت بۇ ئاساس چىڭ تۇتۇلۇپ، باشقا ئىنتىزاملارنى چىڭىتىشقا تۈرتكە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر