«قۇملۇق ئالگا ئامبىرى»نىڭ يۇپۇق ئېچىش ۋە ۋىۋىسكا بېرىش مۇراسىمى نەق مەيدانى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى : (مۇخبىر پاتىگۈل مۇھەممەت ) شىنجاڭ «تەيئەيتەي» خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ «يېشىل» بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، دۇنيادىكى تۇنجى «قۇملۇق ئالگا ئامبىرى» نىڭ يوپۇقىنى ئېچىش ۋە دۇنيادىكى تۇنجى قۇملۇق ئالگا مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بازارلىرىغا سېلىش مۇراسىمى25-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمدا شىنجاڭ «تەيئەيتەي» خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ «يېشىل» بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ رەسىمىي ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ۋە شىنجاڭ «يېشىل» بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسى بولغان قوملۇق يېشىل ئالگا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بارلىق سېتىش ھوقۇقىنى شىنجاڭ «تەيئەيتەي» خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى جاكارلاندى ھەمدە شىنجاڭ پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مى نىڭ ئەپەندى ئالقىش - تەنتەنىلەر ئىلكىدە شىنجاڭ تەيئەيتەي خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لېدىرى، شىنجاڭ دۆلەت پېپتىدى خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لېدىرى، دۆلەت پېپتىدى بىيو تېخنىكا (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، دۇبەي يېشىل ھايات ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لېدىرى، ئامېرىكا يېشىل ھايات ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لېدىرى، ياپونىيە H&S شىركىتىنىڭ لېدىرى ۋە قانۇن ئىلمى قوش ماگېستىرى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى رىزۋانگۈل ئابلېز بىلەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىلمى دوكتورى، شىنجاڭ يېشىل بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ھەسەنجان ئابدۇللاغا دۇنيادىكى تۇنجى «قۇملۇق ئالگا ئامبىرى» ۋىۋىسكىسىنى بەردى.