باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادنىڭ ٪6.9 ئېشىشى تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكنىڭ ئوبيېكتىپ ئىنكاسى ھېسابلىنىدۇ

2015.10.26 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 19-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىقتىسادىي ٪6.9 ئاشقان بولۇپ، 1-پەسىل ۋە ئالدىنقى يېرىم يىللىق سەۋىيەدىن سەل ياخشىلانغان، لېكىن، چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بۇنداق ئېشىش سەۋىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىگىلا ئەمەس بەلكى بازار مۆلچەرىگىمۇ ماس كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىقتىساد مۇۋاپىق رايونىدىكى مۇۋاپىق تەڭشەش، يېڭى ۋە كونا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئالماشتۇرۇشتىكى زۆرۈر مۇساپە ئىكەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەش بېسىمى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىقتىسادنى بۇنداق سەۋىيەدە ئاشۇرۇش تېخىمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي قىسقا مەزگىلىدە يەنىلا ئاستىلاش جەريانىدا مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىش، مۇقىملىشىش جەريانىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ تېز پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقى، ئىسلاھاتتىن قىلىنغان پايدىنىڭ ئۈزلۈكسىز توپلىنىۋاتقانلىقى ۋە قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى يەنىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

  1. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەۋاتقان مەزگىلدە، ئىقتىسادنىڭ ٪6.9 ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەقىقەتەن ئوڭاي ئەمەس

  ئېلىمىز 3-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ٪6.9 ئېشىشىنى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەۋاتقان مەزگىلدە، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ 3-باسقۇچلۇق تەكرارلىنىشى ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى شارائىتلارنىڭ ئۆزگۈرۈشى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن مەزگىلدە ئىشقا ئاشۇردى. قىسقا مەزگىللىك خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىدە تەۋرىنىش كۆرۈلۈشى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسىدا داۋالغۇش كۆرۈلۈشى، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈش مۆلچەرىنىڭ تەدرىجىي قۇيۇقلىشىشى، ھەر قايسى دۆلەت پۇللىرىنىڭ بەس-بەستە پاخاللىشىشى ئېلىمىزنىڭ ئېكىسپورتىغا نىسبەتەن چوڭ سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئاساسلىق پاسسىپ ئۈنۈم شەكىللەندۈردى. ئېلىمىز بىر تەرەپتىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش ئاساسىدا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنە بىر جەھەتتىن ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش يېڭى نۇقتىسىنى تېپىشنى تېزلىتىپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياج بىر-بىرىنى ماس قوللايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپلەر ۋە رايونلار ئارىسىدىكى ئۈزلۈكسىز پارچىلىنىشنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا كۆرسەتكەن توسقۇنلۇق قىلىش تەسىرىنى يەڭدى، شۇڭا، ئىقتىسادنى پۈتۈن يىللىق ٪7لىك مۆلچەر نىشانغا ئاساسەن يېقىنلاشقان ھالەتتە ئاشۇرۇش ئاسانغا توختىمايدۇ. بولۇپمۇ، بىرلىك GDP سەرپىياتىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىشى ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر