باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگو سودىگەرلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى 24-ئۆكتەبىر ئاۋمېندا باشلاندى

2015.10.26 15:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر بەلباغ، بىر يول يەر شارى ئىقتىساد يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى باش تېما قىلىنغان 12-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگو سودىگەرلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى 24-ئۆكتەبىر ئاۋمېندا باشلاندى. يىغىندا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، جۇڭگو سودىگەرلىرىنىڭ پۇرسەتنى قانداق چىڭ تۇتۇشى، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا پۇرسىتىنى كۆپەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش يىغىنىغا ئىككى قىرغاق شۇنداقلا 36 دۆلەت ۋە رايوندىكى 1650 جۇڭگو سودىگەرلىرى جەمئىيىتى ۋەكىل ئەۋەتىپ قاتناشتى.

  تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشقان تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى مۇناسىۋىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى چېن دېمىڭ باش تېما سۆزى قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا بازىرىنى نىشانلاپلا قالماستىن، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ئېچىۋېتىشتىكى تەرەققىياتنى تېزلىتىش جەريانى بولۇپ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ غەربىي قىسىمغا بېرىپ كۆپرەك كۆرۈپ بېقىشىنى، سودا پۇرسىتى تېپىپ، چەتئەللەردىكى مول مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسىگە تايىنىپ، تارىخىي پۇرسەتنى قەدىرلەپ، بىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ قەدەم تاشلاپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىندا مۇھىت ئاسراش، سەنئەت، يەر زېمىن، مائارىپ، ئىنشائات، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش قاتارلىق كەسىپلەردىن كەلگەن 9 مۇنەۋۋەر ياش كارخانىچىغا «2015-يىللىق دۇنيا بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش جۇڭگولۇق سودىگەر» مۇكاپاتى بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىغا ئىلھام بېرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر