باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ «رۇسىيەدە چوڭ بولغان جۇڭگولۇق» ناملىق كىنو ئىشلىمەكچى

2015.10.26 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشى ۋە جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، جۇڭگو دېڭتيەن جاخې كۆڭۈل ئېچىش گۇرۇھى بىلەن رۇسىيە يۇقىرىغا ئۆرلەش كىنو شىركىتى بىرلىشىپ «رۇسىيەدە چوڭ بولغان جۇڭگولۇق» ناملىق كىنو ئىشلىمەكچى. كىنو ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى بىر جۇڭگولۇق يېتىم بالىنىڭ تەقدىرىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ ئوغۇل بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، سىبىرىيەنىڭ چەت ياقا رايونىدىكى بىر رۇس ئائىلىسى ئۇنى بېقىۋالىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇ رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رۇسىيە-جۇڭگو چېگراسىدىكى فاشىست تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا باتۇرلارچە ئاتلىنىدۇ. بۇ كىنونىڭ جۇڭگو تەرەپ رىجىسورى جانار.ساغات مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ كىنو سېنارىيەسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى رىيال ۋەقەگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يېزىلغان بولۇپ، كىشىلەرگە بۇ بۆلەك تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر