باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈز پەسللىك ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2015.10.26 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 3 - نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى چوڭ- ئوتتۇرا شەھەرلەرگە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مەخسۇس بىرلەشمە پائالىيىتى − شىنجاڭ تەكلىپ قىلىش يىغىنى ۋە كۈز پەسللىك شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 2 - نومۇرلۇق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى كىلىپ مەسلىھەت سوراشقا جەلىپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنى 2016 - يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى بۇلۇپ، شەھەرلەرنى ھەمتۈرتكە قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي تېما قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك كارخانىلارنىڭ ، مەركەز كارخانىلىرى ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار كەسپىي ئورۇنلار، 2016 - يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىن ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، جەمئىي 300 دەك كارخانا ئادەم تەكلىپ قىلىدىغان بۇلۇپ، مەركەز كارخانىسى 20 گە، يەرلىك كارخانىلارنىڭ 280 گە يىتىدىغان بۇلۇپ، جەمئىي 8160 دىن كۆپرەك ئىش ئورنى بىلەن تەمىن ئېتىلدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق يەتتە كەسپى تېخنىكا تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى 11000 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر