- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا ئارمىيىسى شەرقىي ياۋروپادا بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتناشتى
2014.05.12 19:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاررېن 8-ماي مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە قىسمى ئىستونىيەدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشماقتا، بۇندىن كېيىنكى ئىككى ئايدا شەرقىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھەمدە شېرىكلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.
ۋاررېن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە قىسمى يەنە بالتىق دېڭىزىدىكى ئۈچ دۆلەت ھەتتا شەرقىي ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتار بىرلەشمە ئالماشتۇرۇش ۋە مەشىق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئامېرىكا، لىتۋا، لاتۋىيە، ئېستونىيە، پولشا، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە ۋە شۋېتسىيىلەر بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر