- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013-يىللىق دېھقان-ئىشلەمچىلەرنى كۆزىتىش دوكلاتى ۋە ئىزاھاتى ئېلان قىلىندى
2014.05.12 19:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 12-ماي 2013-يىللىق دېھقان-ئىشلەمچىلەرنى كۆزىتىش دوكلاتى ۋە ئىزاھاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا 2013-يىلى دېھقان-ئىشلەمچىلەر سانىنىڭ داۋاملىق كۆپەيگەنلىكى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمىنىڭ داۋاملىق كۆپەيگەنلىكى، دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ يۆتكىلىشىدىمۇ يېڭى ئىلگىرلەشلەرنىڭ بولغانلىقى كۆرسىتىلدى. ئادەم سانىدىن قارىغاندا، 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 268مىليون 940مىڭ بولۇپ، 2012-يىلغا قارىغاندا 6مىليون 330مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، %2.4ئاشقان. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېزىلاردىكى ئېشىندى ئەمگەك كۈچىنىڭ يۆتكىلىشىمۇ داۋاملاشماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىشىدا مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى: ئۆز يىرىدىكى دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپىيىشى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان دېھقان-ئىشلەمچىلەردىن تېز بولۇش. بۇنىڭدىن باشقا، دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىمۇ داۋاملىق تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. 2-ئېلىمىزدىكى ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە يېتىشىشىگە ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى يۆتكىلىشىچان نوپۇسنىڭ شەھەر بازارلاردا ئولتۇراقلىشىشى كۆپىيىپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچى تەمىناتى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا دۇچ كەلمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قەدەر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يارقىن نۇقتا- دېھقان-ئىشلەمچىلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىدىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى 2010-يىلى، 2013-يىلى بىر قەدەر يۇقىرى بولدى. دېھقان-ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ھەم خۇشاللىق ھەم ئەندىشەمۇ بار. دېھقان-ئىشلەمچىلەرنى ۋاقىت ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش يەنىلا پەسەيتىلمىدى، ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرۇش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت ، ئەمگەك توختىمى ئىمزالاش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەس.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر