باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىنىشتىن ئۈمىد بار

2014.05.12 19:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئورما باشلىنىشقا بىر ئايمۇ ۋاقىت قالمىدى. يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ دېھقانچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، كۆپ ساندىكى ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردا بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئەڭ ياخشى بولغان، مول ھوسۇل ئېلىنىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن. مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان ناھىيە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ خۇا شيەن ناھىيەسى بۇ يىل بۇغدايلارنى پۈركۈپ ئوغۇتلىدى، 1-قېتىم ئەڭ ئىلغار ئايروپىلان ئىشلەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان تىك ئۇچار بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىچىك تىپتىكى ئادەمسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىسىمۇ بار. ئۇلارنىڭ مەشغۇلات ئۈنۈمى ئادەملەرنىڭكىدىن ئون ھەسسە ئارتۇق، مەركەز مالىيەسى بۇ يىل 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇغدايلارنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىدە زىيانلىق ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسى قاتارلىقلارغا سەرپ قىلىپ، زىيانلىق ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پېيشيەن ناھىيەسىدە بۇ يىل ئازۇتلۇق ئوغۇت، كۆچۈرۈش، تۇپراقنى تەكشۈرۈپ ئوغۇتلاش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئىشلار مەخسۇس يېزا ئىگىلىكى مۇلازىمەت شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ دېھقانچىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، بۇ يىل بۇغداينىڭ مو بېشى باشاق سانى ۋە مىڭ دانى دان ئېغىرلىقى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر