باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيى ئۇددا 5-قېتىم جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلدى [2]

2014.05.13 19:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەگەر تىزىملاتقان سايلىغۇچىلار ۋە قانۇنلۇق سايلىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتناشقان سايلىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئىرقى ئايرىمچىلىق تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىلگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئاز ئاۋازغا يەنى %54 ئاۋازغا ئېرىشتى. ئىرقى ئايرىمچىلىق تۈزۈمى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار ئاۋاز بېرىشكە تىزىملاتمىدى، بۇ ياش سايلىغۇچىلارنىڭ ئىرقى ئايرىمچىلىق دەۋرىدىكى خاتىرىسىنىڭ يوقلىقى ھەمدە ئافرىقىغا قويۇق ھېسسىياتىنىڭ يوقلىقى بىلەن ناھايىتى مۇناسىۋەتلىك.

  چوڭ سايلامدىكى ئۆكتىچى بولغان دېموكراتىك ئىتتىپاق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن قارا تەنلىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلارنى جەلپ قىلدى، بۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ پارتىيەسىلا بولۇپ قالماستىن، كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلدى. بۇ پارتىيە خەلق پارلامېنت سايلىمىدا 400 ئورۇننىڭ 89غا ئېرىشتى. بۇ نىسبەت ئۆتكەن قېتىمقى سايلامدىكىدىن 22 ئورۇن كۆپ، ئەمما ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيى 249 ئورۇنغا ئېرىشىپ 15 ئورۇن ئازايدى.

  ئۆلكە دەرىجىلىك پارلامېنت سايلىمىدا ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيى بۆسۈش ھاسىل قىلالمىدى. دېموكراتىك ئىتتىپاق ئۇزۇندىن بۇيان قارا ۋە ئاق تەنلىكلەرنى ئاساس قىلغان غەربى كىيىپ ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيى كونترول قىلىپ كەلگەن 8 ئۆلكىدە باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش، چىرىكلىك ئەۋج ئېلىش، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئاستا بولۇش، ئىشسىزلىق ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلاندى، غەربى كىيىپ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولدى، ھۆكۈمەت نىسبەتەن پاك بولدى، ئىشسىزلىق ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولدى، شۇڭا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى، ھەتتا ئۇ يەر بىر ئەينەككە ئوخشاش ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دېموكراتىك ئىتتىپاقنىڭ قولىدىن غەربى كىيىپ ئۆلكىسى تارتىۋېلىش ئۈمىدى يوققا چىقىپلا قالماستىن، يەنە ئىقتىساد مەركىزى بولغان گائۇتېڭ ئۆلكىسىدە دېموكراتىك ئىتتىپاققا %30 ئاۋازنى تارتقۇزۇپ قويدى. يوھاننسبورگ، پىرېتورىيە قاتارلىق ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەردە ئافرىقا خەلق قۇرۇلتىيى ئېرىشكەن ئاۋاز ھەتتا يېرىمغىمۇ يەتمىدى.

  جەنۇبىي ئافرىقا 21-ماي يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق پارلامېنتى سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتىنى سايلاپ چىقىدۇ. ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرمىسە ھازىرقى پرېزىدېنت زۇما داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدۇ.

  زۇما ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئوتتۇرغا قويغان «2030-يىلىغىچە بولغان دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پىلانى»دىن قارىغاندا، جەنۇبىي ئافرىقا كەلگۈسى 20 يىلدا ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئېشىشىنى %5.4كە يەتكۈزۈپ، 11 مىليون ئىش ئورنى يارىتىدىكەن. 2020-يىلىغا بارغاندا، جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى ھازىرقى %25تىن كۆپرەكتىن %14كە چۈشىدىكەن. 2030-يىلىغا بارغانچە يەنە %6كە چۈشىدىكەن ھەمدە نامرات نوپۇس ئۈزۈل-كېسەل تۈگەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر