باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

18 ئۆلكىدە بىرىنچى قول رەھبەر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىنى قوشۇمچە ئۆتۈمەيدىغان بولدى

2014.05.13 19:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا خېنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى تور بېكىتىدە، خېنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ ئېنخۇانىڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېرىلدى. بۇ بۇ يىل 1-ئايدا خېنەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلانغان ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسى جوۋ بېنشۈننىڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىنى قوشۇمچە ئۆتۈمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، مەملىكىتىمىزدىكى خېبېي، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، لياۋنىڭ، جېجياڭ، فۇجيەن، خېنەن، خۇبېي، گۈيجوۋ، شەنشى، چىڭخەي، بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، گۇاڭدۇڭ، شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق 18 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىنى قوشۇمچە ئۆتۈمەيدىغان بولدى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، خېبېي، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق 11 ئۆلكىدە 1-قول رەھبەر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەيدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىنى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە ئۆتەيدىغان بولدى. بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، چۇڭچىڭ قاتارلىق يەتتە ئۆلكىدە 1-قول رەھبەر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنىمۇ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقىنىمۇ ئۆتىمەيدىغان بولدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر