باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى ھەمكارلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

2014.05.14 17:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئالەم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۇكرائىنا كىرزىسى سەۋەبلىك داۋاملىق جىددىيلىشىپ كەتتى. رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دېمىترى روگېزىن 13-ماي مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ بۇندىن بۇرۇن ئوتتۇرغا قويغان 2020-يىلىدىن كېيىن خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنى داۋام مەشغۇلات قىلدۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ. ئامېرىكا ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسى ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ بۇ سۆزلەرنىڭ تەسىرىنى تەدرىجىي سۇسلاشتۇرماقچى بولدى.

  ئامېرىكا ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: بوشلۇق ھەمكارلىقى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بەلگىسى، بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدىمۇ شۇنداق بولغان. ئامېرىكا ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بوشلۇق ھەمكارلىقىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ھىچقانداق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى.

  ئامېرىكا،رۇسىيە ۋە ياپونىيەنىڭ ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئامېرىكا ۋاقتى 13-ماي رۇسىيەنىڭ ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ بوشلۇق پونكىتىدىن يەر يۈزىگە قايتىپ كەلدى. ئامېرىكا ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسى: ھازىر بوشلۇق پونكىتىنىڭ مەشغۇلاتى نورمال، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بوشلۇق پونكىتىدا تۇرۇدىغان يېڭى بىر تۈركۈم ئۇچقۇچىلار بوشلۇق پونكىتىغا چىقىدۇ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر