باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى فىرانسىيەلىك مۇخبىرنىڭ قەستكە ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2014.05.14 17:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 13-ماي كەچتە تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن فىرانسىيەلىك مۇخبىرنىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بويىچە قوراللىق توقۇنۇش بولىۋاتقان رايوندا خەتەرلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇخبىر، تاراتقۇ خىزمەتچىلىرى ھەمدە ئالاقىدار خادىملار پۇقرا دەپ قارىلىشى ھەمدە ھۆرمەتلىنىشى ۋە قوغدىلىشى كېرەك، قوراللىق توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىدىكى ئالاقىدار مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى جۈملىدىن قوراللىق توقۇنۇشتا پۇقرالارنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك دەپ قايتا تەكىتلىدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، فىرانسىيەلىك كامىيې لېپار ئىسىملىك 26 ياشلىق ئايال مۇخبىر يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىدىكى بوئۇئار شەھىرى ئەتراپىدا زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئوق تىگىپ قازا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر