باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

چەت ئەل ئەمدى چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ پاناھگاھى بولالمايدۇ

2014.05.14 18:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل تەپتىش ئورگانلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقارا قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەتئەلگە قاچقان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش سالمىقىنى زورايتىپ، چىرىك ئۇنسۇلارنىڭ قانۇن سىرتىدا ئەركىن يايراپ يۈرۈشىگە قەتئىي يول قويماي، چەت ئەلگە قېچىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان چىرىك ئۇنسۇرلارنى چۆچۈتۈپ قويۇشى قارار قىلدى. ئېلىمىز چېگرا سىرتىدا قىچىپ يۈرگەن ئۇنسۇلارنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرغۇزۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇتۇپ، قىچىپ يۈرگەن ئۇنسۇلارنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرغۇزۇش تورىنى بارا-بارا يىغىۋاتىدۇ.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەنىدى: « قېچىپ يۈرگەن ئۇنسۇلارنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرغۇزۇش خەلقارالىق خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىك ئۇنسۇلارنىڭ قانۇن سىرتىدا يايراپ يۈرۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىق، چەت ئەلگە قېچىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان چىرىك ئۇنسۇرلارنى چۆچۈتۈپ قويۇش كېرەك.»

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر