باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خىزمەت ئىشى ئۈچۈن ئايروپىلان بىلىتى سېتىۋېلىشتا «قوش ئېتىبار» يولغا قويۇلىدۇ

ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي تەننەرخى قىسىلسا، بازارلار باھانى يەنىمۇ چۈشۈرىدۇ

2014.05.14 18:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئىيۇندىن باشلاپ، خىزمەت ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى مەملىكەت بويىچە پەيدىنپەي يولغا قويۇلىدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە باشقۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى مالىيە باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە خىزمەت ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش جەريانىدا، پۈتۈن باھالىق بىلەت سېتىۋېلىش ۋە دۆلەت ئىچىدىن باشقا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى تاللاش بىرقەدەر ئومۇملاشقان، ھەتتا ئايرىم ئورگانلار ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش ئىسپاتى ئويدۇرۇپ چىقىش، تالوننى ساختا كېسىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دۆلەت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.

  خىزمەت ئايروپىلان بىلىتى سېتىۋېلىشتا ساقلانغان مەسىلىگە قارىتا، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە «پارتكوم، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى تېجەشلىك بولۇپ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش بەلگىلىمىسى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەم چەت ئەلنىڭ قاتناش ئۇسۇلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئاپروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنىڭدا بازار رىقابىتىنى كۈچەيتىش، ئاشكارا، ئوچۇق باشقۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خىزمەت ئايروپىلان بىلىتى سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى قىلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي تەننەرخىنى قىسقارتىپ، دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئىسلاھات نىشانى قىلىنغان.

  بەلگىلىمىگە بويىچە، ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كوللېكتىپ تەشكىلات خىزمەتچىلىرى شۇنداقلا مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغكە خىزمەت ئايروپىلان بىلىتى سېتىۋالغان باشقا كىشىلەر دۆلەت ئىچىدە كاماندروپكىغا چىقسا، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ۋاقىتلىق چەت ئەلگە چىقسا، تېجەشلىك بولۇشنى ئىجرا قىلىش ۋە ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىرىنسىپى بويىچە، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت مالىيەسى بىلەن سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بويىچە بېكىتىلگەن دۆلىتىمىز ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئېتىبار باھالىق بىلەتلىرىنى سېتىۋېلىشى كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر