باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا نېمە ئۈچۈن دائىم ھادىسە يۈز بېرىدۇ؟

2014.05.14 18:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەخمىنەن 400 كىشى ئولتۇرغان بىر قانۇنسىز كۆچمەنلەر پاراخوتى 12-ماي ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى لەنپېيدۇسا ئارىلىنىڭ ئەتراپىدا سۇغا چۆكۈپ كەتتى، نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، تەخمىنەن 200 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى بېكىتىلدى، نېمىشقا بۇ سۇ ساھىلىدە پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەلىرى ئۈزۈلمەيدۇ؟ ئىتالىيە بۇنداق ۋەقەلەرگە قانداق تەدبىر قوللىنىدۇ؟ ھالاكەت سەپىرى نېمىشقا تۈگىمەيدۇ؟

  كىچىك ئارالنىڭ ئەتراپىدا نېمىشقا ھەمىشە پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ؟ بۇ قېتىمقى پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى لەنپېيدۇسا ئارىلىغا 185 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يۈز بەردى، لەنپېيدۇسا ئىتالىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى كۆلىمى تەخمىنەن 20 كىۋادرات كىلومېىتر كېلىدىغان كىچىك ئارال، سىتسىلىيە ئارىلىغا 205 كىلومېتىر كېلىدۇ، تۇنىس دېڭىز ساھىلى بىلەن بولغان ئارىلىقى 130 كىلومېىتر.

  ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلغان بۇ كىچىك ئارال ئافرىقىدىن ئوغۇرلۇقچە ياۋروپاغا كىرىدىغانلار ئالدىن تاللايدىغان جاي بولۇپ قالغان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى قانۇنسىز تەشكىلاتلار ياز كۈنى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا سۇ يۈزى بىرقەدەر تىنچ بولغان ۋاقىتنى تاللاپ، كۆچمەنلەرنى قانۇنسىز ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەيدۇ، ئافرىقىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتىدىغان ياكى دۆلەت ئىچىدىكى مالىمانچىلىقتىن پانالىنىپ قاچىدىغان ۋە ياكى ئۆز دۆلىتىدىكى ئاچارچىلىققا چىدىماي ياۋروپاغا كەتمەكچى بولغانلار مۇشۇ ھالاكەت سەپىرىنى تاللايدۇ، بۇ قانۇنسىز پاراخودلار كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياپ، تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئادەتتە نورمىدىن ئارتۇق ئادەم قاچىلايدۇ ھەمدە كۆپۈنچە كېچىدە ماڭىدۇ، شۇڭا تاسادىپىي ھادىسە يۈز بەرسە ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزماي ئامال يوق.

  لەنپېيدۇسا ئارىلىدا ئىككى مۇساپىرلار يىغىۋېلىش ئورنى بار، يىغىۋېلىنغان مۇساپىرلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىڭدىن ئاشىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ ئوغۇرلۇقچە ئۆتكۈچىلەر لەنپېيدۇسا ۋە سىتسىلىيە* ئارىلىدىن ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كىرىشنى تاللايدىغان بولدى، ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئوغۇرلۇقچە ئۆتكەن ئىككى پاراخوت ئىلگىرى كېيىن بولۇپ لەنپېيدۇسا ئارىلىنىڭ ئەتراپىدا چۆكۈپ كېتىپ، تەخمىنەن 400 كىشى قازا قىلغان ئىدى.

  ئىتالىيە بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئىككى قېتىم پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن شۇ چاغدىكى ئىتالىيە زۇڭلىسى لەيتا دېڭىز ئۈستى مەخپى ھەرىكىتىنى باشلاپ، دېڭىز ئۈستى ۋە ھاۋادىن چارىلاش ئېلىپ باردى، ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى ئېلان قىلغان ماتېرىياللاردا مۇنداق دېيىلدى: بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى ئىككى، بۇنىڭ بىرى دېڭىز ئۈستىدە كىشىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يەنە بىرسى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھەرىكىتىدىكى پايدا ئېلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش.

  ئەمما بۇ ھەرىكەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن رولى كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ زەربە كۈچلۈك بولمىدى، نۆۋەتتە ئىتالىيە بۇنىڭ ئۈچۈن 920 ھەربىي خادىم، تىك ئۇچارلىق ئىككى قوغدۇغۇچى پاراخوت، ئىككى چارىلىغۇچى پاراخوت، ئىككى ئېغىر تىپتىكى تىك ئۇچار قاتارلىقلارنى ئاجراتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئايدا 9 مىليون ياۋرو چىقىم بولۇۋاتىدۇ، ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا بۇ يىلدىن بۇيان، 25 مىڭ كىشى قۇتقۇزۇلغان، ئەمما بارغانسېرى قىستاڭ بولۇپ كېتىۋاتقان يىغىۋېلىش ئورنى بۇ ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەسلەشتۈرۈۋاتىدۇ.

  ھالاكەت سەپىرى نېمىشقا تۈگىمەيدۇ؟ نۇرغۇن قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىتالىيەنى ئالمىشىدىغان ئۆتەڭ دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ نىشانى فىرانسىيە، گېرمانيە قاتارلىق دۆلەتلەر، ئىتالىيە كۆپ قېتىم ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چېگرىنى قامال قىلماستىن ئىتالىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ھەرقايسسى ئۆز كۆچمەنلىرىنى باشقۇرۇپ، بارلىق بېسىمنى ئىتالىيە ھۆكۈمىتىگە ئارتىپ قويماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى قۇرۇپ، مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا بىخەتەر، قانۇنلۇق كىرىشىگە ياردەم بېرىش تەكلىپىنى بەردى.

  ئەمما ياۋروپا قەرز كىرزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۈنىمۇ تەسكە چۈشتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە گەرچە ھەمكارلىشىش پوزىتسىيەسىدە بولسىمۇ ئەمما يەنىلا ئىتالىيەنىڭ دەردىگە يەتمىدى.

  ئىتالىيە زۇڭلىسى شۇ كۈنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا دەرت تۆكۈپ، ياۋروپا بىزگە ياردەم قىلمىدى دەپ ئاغرىندى، ئۇ ياۋروپانىڭ ھەمىشە دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، بانكىنى قۇتقۇزۇش بىلەنلا بەنت بولماي، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ داۋاملىق ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىدەك بۇ ئەھۋالغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئۇ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ مەسئۇل بولۇشى، ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىقى لازىم دەپ تەكىتلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر