باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بىلەن ھوللاندى جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىق كۆرگەزمىسىگە كىرىش سۆز يېزىپ بەردى

2014.05.14 17:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگو دۆلەتلىك موزىيىىدا كۆرگەزمە قىلىنغان«داڭلىق ساراي، داڭلىق يازغۇچى، داڭلىق ئەسەرلەر جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» ئۈچۈن كىرىش سۆز يېزىپ بەردى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندىمۇ كۆرگەزمە ئۈچۈن كىرىش سۆز يېزىپ بەردى.

  شى جىنپىڭنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقى تارىخىي تەرەققىياتتا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنى ، سېھرى كۈچگە ئىگە مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى باشتىن ئاخىرى بىرى بىرىگە باغلاپ كەلدى، ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن فىرانسۇز مەدەنىيىتى ئۆزئارا بىر بىرىنى ئەينەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن يېڭى مەزمۇنلارنى قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ موزىيىلىرىدا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ رەڭگا رەڭ قىياپىتى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، جۇڭگو فىرانسىيە موزىيلىرى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ھەمكارلىقىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىدا، جۇڭگو دۆلەتلىك موزىيى بىلەن فىرانسىيەدىكى بەش موزىينىڭ ھەمكارلىقىدا فىرانسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ساقلىنىپ كېلىۋاتقان 10 ماي بوياق رەسىمى جۇڭگولۇق تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ فىرانسىيەنىڭ نادىر رەسىملىرى ۋە جۇڭگو فىرانسىيە رەسىم سەنئىتى سېلىشتۇرمىسىدىن سەنئەتنىڭ سېھرى كۈچىنى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئادىمىيەت روھى ئۈستىدىكى بوشاشماس ئىزدىنىشىنى ھېس قىلىشىغا پايدىلىق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق موللىشىپ بارىدۇ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ ئۆزئارا ئەينەك قىلىش ئىنسانلار مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

  ھوللاندى كىرىش سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرقانچە ئەسىردىن بۇيانقى سەنئەت ئالماشتۇرۇشى بىز ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ناھايىتى قويۇق ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئورناتتى، بىز ئەڭ داغدۇغىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق بېيجىڭدا فىرانسىيەنىڭ بەزى سەرخىل رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، فىرانسۇز سەنئىتىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق، بىز كۆرگەزمىنىڭ ياخشى بولۇشى، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق تاماشىبىنلارنى دۆلىتىمىزنى چۈشىنىش ۋە ئارىدىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا جەلپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى جۇڭگو دۆلەتلىك موزىيى بىلەن فىرانسىيە دۆلەتلىك موزىيى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇردى، كۆرگەزمىدە فىرانسىيە لۇۋېر سارىيى،ئورساي، فېنبىتو، ۋېرسال، پىكاسسو قاتارلىق بەش چوڭ مۇزېيدىكى ئون رەسىم كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، بۇ رەسىملەر ناھايىتى يۇقىرى سەنئەت سەۋىيەسى ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر