باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا تۇنجى ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ قەرز ئېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2014.05.14 17:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى 13-ماي سودا بانكىسىنى ئۆزىنىڭ قەرز پۇل بايلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى تۇرىدىغان ئاددىي تاۋار ئۆيلەرنى تۇنجى قېتىم سېتىۋالغان ئائىلىلەرنىڭ قەرز پۇل ئېھتىياجىنى ئالدىن قاندۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىر قىسىم شەھەرلەردە ئاھالىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش قەرزىنى تەستىقلاش تەرتىپى ئاستىلاش، بانكا قەرز پۇلنى كېچىكتۈرۈپ بەرمەسلىك ئەھۋاللىرى پەيدا بولدى؛ بىر قىسىم جايلاردا، تۇنجى قېتىم سېتىۋالغان ئۆيگە ئالغان قەرزگە ئۆسۈمدە ناھايىتى ئاز ئېتىبار بېرىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈم كۆرۈنەرلىك ئۆرلەپ، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىدىنمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىگە ئايلاندى، تۇنجى ئالغان ئۆيگە قەرز پۇل بېرىشتىكى ئېتىبار سىياسىتى ئىسمى بار، جىسمى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆي قەرز پۇل سىياسىتى تۈپتىن ئۆزگەرمىگەن، لېكىن بەزى شۆبە بانكىلار ئۆيگە بېرىدىغان قەرز پۇلنى بىر ئاز قىسىۋالغان.

  مەركىزىي بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شىيۈ يېقىندا ئېچىلغان ئۆي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى مەخسۇس سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېيىنكى قەدەمدە، سودا بانكىلىرى ئۆزىنىڭ قەرز پۇل بايلىقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى تۇرىدىغان ئاددىي تاۋار ئۆيلەرنى تۇنجى قېتىم سېتىۋالغان ئائىلىلەرنىڭ قەرز پۇل ئېھتىياجىنى ئالدىن قاندۇرۇشى؛ مالىيە سىجىللىقى، خېيىم-خەتەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئامىللارنى تولۇق ئويلىشىپ، تۇنجى ئالغا ئۆيگە بېرىلىدىغان قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەخسلەرنىڭ ئۆيگە ئالىدىغان قەرزىنى ۋاقتىدا تەستىقلىشى ۋە بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر