باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى بىلەن ياكوب لېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.05.14 17:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 13-ماي بېيجىڭدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، مالىيە مىنىستىرى ياكوب لېۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: يەر شارىدىكى ئىككى مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يېقىندىن ماسلىشىپ، ئالغا قاراپ مېڭىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ ئىجابىي ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. بۇ يىل-جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، 7-ئاينىڭ بېشىدا 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بىز بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىقتىسادىي مەزمۇنىنى بېيىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ياكوب لېۋ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ياخشى ئېشىشىغا ئۈمىدۋار قارايدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەكشى ئېشىشى-ئامېرىكىغا پايدىلىق، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىمۇ جۇڭگوغا پايدىلىق. ئامېرىكا ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تەڭپۇڭ بولغان ئىقتىساد مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى سىياسەت نىشانى قىلىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ بۇ يىل ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 22-قېتىملىق رەھبەرلىرى بىرەسمىي يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر