باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئازوت ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تۈرى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2014.05.14 08:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى يۆ، پىراكتىكانت يۈ جاڭرۈيرۈينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئازوت ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تۈرى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئوت ئېلېكتىرگېنېراتورلىرىنىڭ ئازوت ئوكسىدى قويۇپ بېرىش يېڭى ئۆلچىمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىكەن، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئالتە كارخانىنىڭ قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش، بۇلغىما چىقىرىدىغان 19 كارخانىنى كۆچۈرۈش، سانائەت بۇلغىمىسى چىقىرىدىغان 39 كارخانىنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئورۇندىلىدىكەن.

  مۇھىت ئاسراش نازارىتى بۇ يىل ئازوت ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، 1 – ئىيۇننىڭ ئاخىرىغىچە، 11مىليون 139 مىڭ كىلوۋات توك ئىشلەپچىقىرىدىغان 70 ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورىنى نىتراتسىزلاشتۇرۇش، 267 مىڭ كىلوۋات توك ئىشلەپچىقىرىدىغان 13 كىچىك ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورىنى تاقاش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 30 مىليون 120 مىڭ توننا كېلىدىغان 32 سېمونت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى نىتراتسىزلاشتۇرۇش تۈرىنى تاماملاپ، بۇ يىللىق تۆت تۈرلۈك ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن؛ نىتراتسىزلاشتۇرۇلغان توك باھاسى سىياسىتى ۋە توك چىقىرىشتا مۇھىت ئاسراش بويىچە يېشىل تەڭشەش سىياسىتىنى ئىمكانقەدەر تېز يۈرگۈزۈپ، ئومۇمىي مىقدارنى كونترول قىلىش، جانلىق تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىش، تەستىقلاشقا چەك قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدار كۆرسەتكۈچىنى مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن قەشقەر، قورغاس، بورتالا، تۇرپاندىن ئىبارەت تۆت كەسىپلەر رايونى ۋە قىسمەن مۇھىم سانائەت رايونلىرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، كۇيتۇن، مايتاغ، ئۈرۈمچى قاتارلىق نۇقتىلىق رايون، شۇنداقلا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، پولات – تۆمۈر، سېمونت، قەغەز، ئېغىر مېتال قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە قانۇن بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرىدىكەن ۋە كۆمۈر، نېفىت، قاتناش، سۇچىلىق، ھىدروئېلېكتىر قاتارلىقلارنى ئېچىش – قۇرۇش تۈرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش – تىزگىنلەش رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىكەن، قاراماي، كورلا ۋە شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ مۇرەككەپ بۇلغىنىش ۋە خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ توپا – توزاندىن بۇلغىنىشىنى ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، بۇ جايلارنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. جايلاردىكى مەركەزلىك ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، باھالاشنى كۈچەيتىدىكەن، دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كۆل سايرام كۆلى، باغراش كۆلى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق كۆل ئۇلۇڭگۇر كۆلى، قاناس كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر