ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 10-، 11 - ماي مەن خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ «راۋان» كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئۇيۇشۇرغان «‹راۋان› كارخانا باشقۇرۇش لىكسىيەسى»نى ئاڭلىغىلى كەلگەن ئادەمنىڭ 200 دىن ئاشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، بىردىنلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم، چۈنكى بىر شىركەت تەشكىللىگەن كارخانا باشقۇرۇش ھەققىدىكى لېكسىىيەسىنى خوتەندە بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئاڭلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لېكسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئەمدىلا قۇرۇلغان شىنجاڭ «راۋان» كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ تۇنجى قەدەمنى ئۇتۇقلۇق بېسىپ، ئۆزىنىڭ يولىنى راۋان قىلىپلا قالماي، خوتەندىكى مىللىي كارخانىچىلارنىڭ، كارخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ يولىنى راۋان قىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيتكەنىدى.
ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ لېكسىيەنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، «شىنخۇا» پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن ئابلىكىم ھەسەن (ئۈگەن)، مۇھەممەت توختى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر، كارخانا باشقۇرغۇچىلار «ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يورۇق نۇقتا ۋە كارخانىچىلىقتىن نادىر ئۆرنەكلەر»، «كارخانىچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى» قاتارلىق تېمىلاردا سۆزلىدى. لېكسىيەنى خوتەندىكى مىللىي كارخانىچىلار، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئىگىلىك تىكلەش، كارخانا باشقۇرۇشقا قىزىققۇچىلار ئاڭلىدى.
12-ماي، بۇ شىركەت قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رەسمىي لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، مۇشۇنداق ئەمدىلا قۇرۇلغان بىر شىركەتنىڭ مىللىي كارخانىچىلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك لېكسىيە ئويۇشتۇرۇشى ئاسان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە.
ئىگىلىشىمچە، شىنجاڭ «راۋان» شىركىتىنىڭ ئاساسى بولغان خوتەن «راۋان» بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى شىركىتى 2012-يىلى قۇرۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ئارقا – ئارقىدىن شىنجاڭ «راۋان» ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «راۋان» كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، كارخانىنىڭ كۆلۈمى ۋە مۇلازىمەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.
شىركەت مەسئۇلى ئابلەت ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا، جۈملىدىن خوتەن ۋىلايىتىدە مىللىي كارخانىلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ياشلار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، كارخانا، شىركەت قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، بىراق ئىشنى قەيەردىن باشلاش، قانداق باشلاشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ، شۇڭا بىز مۇشۇنداق مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، لىكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللىي، پۇقراۋى كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولىمىز.
سۈرەتتە: شىنجاڭ «راۋان» كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن لېنتا كېسىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.