باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە مۇھىت ئاسراش كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى

2014.05.14 17:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى پەن تېخنىكا ئۆلچىمى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى شۈ شۇفەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىزنىڭ مۇھىت ئاسراش كەسپى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا دۇچ كېلىدۇ، كەسپى قۇرۇلمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىت ئاسراش مۇلازىمىتى تەرەققىياتى مۇھىت ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىدىن تېز بولۇش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى،بىر تەرەپتىن مۇھىت ئاسراش، بىر تەرەپتىن مۇھىت بۇلغاش ئامىلىدىكى مۇلازىمەتتىن تەرەققىي قىلىپ كۆپ ھالقىلىق، كۆپ ئامىللىق ئۇنىۋېرسال مۇھىت ئاسراش مۇلازىمىتى قېلىپىغا قاراپ تەرەققىي قىلدى.ئىگەللىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇنداق تۆت جەھەتتىن مۇھىت ئاسراش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، بىرىنچى، مۇھىتنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا ئەمەل قىلىش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، مۇھىت ئاسراش كەسپىدىكى ئېھتىياج بوشلۇقىنى تولۇق كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئىككىنچى، مۇھىت باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشنى كۈچەيتىش، ئۈچىنچى، بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، تۆتىنچى، مۇھىت ئاسراش مۇلازىمىتىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر