باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان ۋە ئۆزئارا قوللايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردۇر

2014.05.13 17:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى قۇربانقۇلى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سۆھبەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-چېسلا خەلق چوڭ سارىيىدا تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى قۇربانقۇلى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىن، دوستانە كەيپىيات ئىچىدە جۇڭگو-تۈركمەنىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، كېيىنكى ھەمكارلىقى ئۈستىدە پىلان تۈزۈپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقى ئۇزۇندىن بۇيانقى دوستلۇق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قويۇق بېرىش-كېلىشنى ساقلاپ، جۇڭگو-تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققىچە ساغلام راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر