باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2014.05.14 17:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «بۇ يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن 2017-يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىلىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ يىلدىن تارتىپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى يىللىق دوكلاتى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشماقچى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش ھەققى تولۇقلىمىسى ۋە ئوقۇش ياردەم قەرزى بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ساھەسى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا جەلپ قىلىشتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تۈرلىرىنى بىر تۇتاش، ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا، غەربىي رايون ۋە جاپالىق چەت-يىراق جايلاردىكى ناھىيەدىن تۆۋەن ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدا مەخسۇس تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مۇناسىپ ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلغاندا، ئۇنۋان چەتئەل تىلى ئىمتىھانىغا قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ ياكى چەتئەل تىلى ئىمتىھان نەتىجىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ بوشىتىلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىگە كۈچ چىقىرىشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر