باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بوزىز قاتارلىق بەشەيلەننى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2014.05.14 17:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 13-ماي بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى توقۇنۇشتا مەسئۇلىيىتى بار بەش كىشىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئاق ساراي 13-ماي ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېدى: جازالىنىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بوزىز ۋە سابىق ئۆتكۈنچى زۇڭتۇڭ دوتوجا ھەمدە بۇ دۆلەتتىكى سابىق ئۈچ ئەمەلدار ياكى رەھبەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جازالاش ۋاسىتىسى ئۇلارنىڭ مەبلىغىنى توڭلىتىش ۋە ۋىزىسىغا چەك قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى توقۇنۇش ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا ھەر قايسى تەرەپلەرنى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىدىغان ھەر قانداق كىشىنى قانۇن بويىچە جازالاشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ دۆلەتتىكى توقۇنۇش سەۋەبلىك تەخمىنەن بىر مىليون ئادەم يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان، ئىككى مىليون 500مىڭ ئادەم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر