باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېزا – ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى رەسمىيىتى يەنە ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ 

2014.05.14 08:59         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ‹‹2014 – يىللىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىنى يولغا قويۇش يېتەكچى پىكرى›› تارقىتىلدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، ئورگانلار ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىخچاملىنىپ، ھوقۇق تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، بازارنىڭ رولى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇلىدۇ، دېدى.

  ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ سودىگەرلەرنى بېكىتىشتىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى سالاھىيەت شەرتىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىپ، ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان مەھسۇلات سودىگەرلىرىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەيدىكەن، لېكىن قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغان سودا كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بىر ئۆلكە تاللىنىپ، ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىكەن، يەنى ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان مېخانىزم سايمانلىرى تۈرىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە، ياردەم پۇلى بېرىلمەيدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، تەلەپكە ئۇيغۇن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالغۇچىلار دۆلەت ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلار قوللاپ كېڭەيتكەن كاتېگورىيە سىرتىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماقچى بولسىمۇ، ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشىنى ئاسان قىلىش ئۈچۈن، 2014 – يىللىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىنى يولغا قويۇش يېتەكچى پىكرىدە: ياردەم پۇلى ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاۋۋال ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ ئاندىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋېلىش ياكى ئاۋۋال سېتىۋېلىپ ئاندىن ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىشىنى ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەسئۇل تارماقلىرى مالىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇنداق دېدى: ياردەم پۇلى سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، 2014 – يىلى مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋېلىشقا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى تۈرىنىڭ دائىرىسى ئۆزگەرتىلمەي، يەنىلا 12 چوڭ تۈر، 48 كىچىك تۈر، 175 مال نامى بويىچە بولىدۇ. جايلارنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ يىل ئۆلكىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى 175 مال نامىدىن سىرت، 12 چوڭ تۈر ئىچىدە 30 دىن كۆپ بولمىغان باشقا مال نامىدىكى مېخانىزم سايمانلىرىنى مەركەزنىڭ مەبلەغ ياردەم پۇلى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشىگە داۋاملىق يول قويۇلىدۇ.

  مەركەز مالىيەسى بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بېرىشتە نورمىلىق ياردەم پۇلى بېرىشنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، يەنى ئوخشاش تۈر، ئوخشاش دەرىجىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ئۆلكە رايونى ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن ياردەم پۇل ئۆلچىمى يولغا قويۇلىدۇ. مەركەز مالىيەسىدىن يەككە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ياردەم پۇل سوممىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئادەتتىكى يەككە مېخانىزم سايمىنىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ سۈت سېغىش ماشىنىسى، قۇرۇتۇش ماشىنىسى قاتارلىق مېخانىزم سايمانلىرىنىڭ ياردەم پۇل سوممىسى 120 مىڭ يۈەنگە؛ 100 ئات كۈچىدىن يۇقىرى چوڭ تىپلىق تىراكتور، يۇقىرى ئىقتىدارلىق كۆك يەم – خەشەك يىغىش ماشىنىسى، چوڭ تىپلىق ئاغدۇرماي ئۇرۇق چېچىش ماشىنىسى، چوڭ تىپلىق كومبايىن، چوڭ تىپلىق شال ئۇرۇقىنى چىلاپ بىخلاندۇرۇش پىروگراممىلىق ئۈسكۈنىسىنىڭ ياردەم پۇل سوممىسى 150 مىڭ يۈەنگە؛ 200 ئات كۈچىدىن يۇقىرى يەككە تىراكتورنىڭ ياردەم پۇل سوممىسى 250 مىڭ يۈەنگە؛ يەككە شېكەر قومۇش يىغىش ماشىنىسىنىڭ ياردەم پۇل سوممىسى 200 مىڭ يۈەنگە، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ياردەم پۇل سوممىسى 250 مىڭ يۈەنگە؛ يەككە چوڭ تىپلىق كېۋەز يىغىش ماشىنىسىنىڭ ياردەم پۇل سوممىسى 300 مىڭ يۈەنگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ياردەم پۇل سوممىسى 400 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار مەسئۇللار ھەر ساھەدىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىراك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ياردەم پۇلى بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: 2013 – يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسى قاتارلىق 11 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر، بوز يەر ئېچىش رايونى)دە بىراك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ياردەم پۇلى بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، بىر يىلدا جەمئىي 15 مىڭ كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى بىراك قىلىندى.

  ‹‹خەلق گېزىتى››دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر