- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


فىرانسىيە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىدۇ
2014.05.14 17:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نادار 13-ماي ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نىگېرىيە ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى نىگېرىيە زۇڭتۇڭى جوناسسىننىڭ تەلىپىگە بىنائەن 17-ماي پارىژدا بىر باشلىقلار يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
نادار مۇنداق دېدى: نىگېرىيە، چاد، كامېرون، نىگېر ۋە بېنىننىڭ رەھبەرلىرىدىن باشقا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
نادار مۇنداق دېدى: تېررورىزمغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن، رايون ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاخباراتتىن تەڭ بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ چېگرا رايونلارنى نازارەت قىلىش زۆرۈر. رايوندىكى دۆلەتلەر تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تايانچ كۈچ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر