باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹جۇڭگو ئارزۇيۇم . ئەڭ گۈزەل جۇڭگو›› مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ فوتو سۈرەت ۋە مىكرو فىلىم ئىجادىيەت مۇسابىقىسىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ۋە 3 – نۆۋەتلىك باشلاش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلدى

2014.05.14 08:56        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹جۇڭگو ئارزۇيۇم . ئەڭ گۈزەل جۇڭگو›› مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ فوتو سۈرەت ۋە مىكرو فىلىم ئىجادىيەت مۇسابىقىسىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ۋە 3 – نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 12 – ماي چۈشتىن كېيىن خۇنەننىڭ چاڭشادا ئېلىپ بېرىلدى. مەملىكەتتىكى ھەممە ئالىي مەكتەپلەرنى قاپلىغان، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇنىۋېرسال سۈرەت تۈرىدىكى بۇ مۇسابىقىگە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىدىيە – سىياسىي مەھكىمىسى ۋە دۆلەت ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى تور تەشۋىقات ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان، ۋېنخۇي گېزىتى، خەلق تورى، جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى لىنىيەسى، يىبەن تورى، خۇنەن مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

  2 – نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە مىكرو فىلىمدىن جەمئىي 2511 ى، فوتو سۈرەت ئەسىرىدىن 120 مىڭ پارچە قاتناشتۇرۇلدى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا 63 پارچە (گۇرۇپپا) مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسىرى ۋە 31 مىكرو فىلىم ئەسىرى مۇكاپاتلاندى. ئالاقىدار ئەسەرلەرنى مۇسابىقىنىڭ مەخسۇس سۇپىسى بولغان خەلق تورى، جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى لىنىيەسى، ۋېنخۇي تورى، يىبەن تورى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى يانفون ۋىدىيوسى، تېڭشۈن ۋىدىيوسى، ئەيچىيى PPS، تۇدۇ تورى قاتارلىقلارغا كىرىپ كۆرۈشكە بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 3 – نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە فوتو سۈرەت ۋە مىكرو فىلىمدىن ئىبارەت ئىككى مۇسابىقە بىرلىكى داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇيۇم . ئەڭ گۈزەل جۇڭگو›› باش تېما قىلىنىپ، مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىن ئەسەر توپلىنىدۇ، ئەسەرلەردە ياشلارنىڭ ئارزۇغا تولغان، ئارزۇغا ئىنتىلگەن، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغان ياشلىقى ۋە شەرەپلىك بۇرچى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېنېرگىيە توپلاش ئاساس قىلىنىدۇ. 12 – مايدىن باشلاپ 31 – ئۆكتەبىرگىچە مۇسابىقىگە قاتناشماقچى بولغانلار ئەسەرلىرىنى مەخسۇس سۇپىلارغا ئەۋەتسە ھەمدە مۇسابىقە ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر