باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

2014.05.14 08:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆلچەم ۋە تەلەپنى چىڭىتىش كېرەك

  فېڭ جىن خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 12 – ماي چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە باش شۇجىنىڭ 9 – ماي لەنكاۋ ناھىيەسىدە ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغاندا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم مەركەزنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيە، پىكىر ئاڭلاش ھالقىسىدىكى خىزمەتلەر يەكۈنلىنىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ھالقىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مەركەزنىڭ 11 – سەييارە تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خۇبېي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق رەئىسى سۇڭ يۈيىڭ ۋە تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زور سىياسىي ۋەزىپە بىلىپ، سۆزنىڭ روھىنى شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغىچە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە ھەقىقىي يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشقا ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلدى. باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە غەيرىتىمىزنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى قايتا ئەسلەپ ئۆتۈپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئاڭلىقلىقىمىز ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىز، شۇنداقلا تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭىمىز ۋە زىممىمىزگە ئېلىش ئېڭىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ساختىپەزلىك قىلماسلىق، يوچۇق قويماسلىق، ئېغىپ كەتمەسلىك، شەكىلۋازلىق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقىي مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ھەل قىلىش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار بولۇپمۇ ۋىلايەت، ناھىيەلىك ئورگانلار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ھالقىسىغا قەدەم قويدى، بۇ، پۈتكۈل تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش – قىلالماسلىقتىكى ئاچقۇچ بولۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جەزمەن مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆلچەم ۋە تەلەپلەرنى چىڭىتىش كېرەك. جايلار جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ‹‹ئۈچ قاتتىق، ئۈچ ئەمەلىي بولۇش››نى ئاساسىي مىزان قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى يىغىش ۋە ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ بىرىنچى قول رەھبەرلەر نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىستىل ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، 1 – سەپكە چوڭقۇر چۆكۈشكە يېتەرلىك ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ ئاجرىتىپ، خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىستىل تۈزىتىش روھى ئارقىلىق مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئەمەلىي بولۇپ، مەسىلىنى ئىش، ئادەملەرگىچە كونكرېتلاشتۇرۇش كېرەك. مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا تەنقىدلەش ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەشنى قاتتىق، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تېگىش، قاتتىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ئالاقە نۇقتىسىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى توغرىلاشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشى كېرەك؛ دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىنى ساقلاتماي، كېچىكتۈرمەي، ھەل قىلالايدىغانلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئاممىنى تۇرمۇشتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن ۋاقتىدا بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىش كېرەك. سىياسىيدا كۈچلۈك، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى كادىرلارنى تەربىيەلەش، تاللاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ھەر دەرىجىلىك بەنزە ۋە ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش، تاللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تاللانغان، قابىل قوشۇننى 1 – سەپكە خىزمەتكە ئەۋەتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى ۋە مۇلازىمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ياخشى ئىشلارنى قىلىش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ياخشى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەمەلىيەت ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاممىغا ھەقىقىي تايىنىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىش داۋامىدا كىشىلەر قەلبىنى ئۇتۇپ، ئەلنى مايىل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئۇنى كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەلنى مايىل قىلىش، ئەلنى خاتىرجەم قىلىش، ئەلنى بېيىتىش ئاساسىنى ھەقىقىي پۇختىلاش كېرەك.

  تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر خىزمەتنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشى، ھەر بىر ھالقىنىڭ توغرا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ۋېنتىنى چىڭىتىپ››، بېسىمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. تەشۋىقات يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ پائالىيەتكە تولۇق قاتنىشىشىغا، پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىشىغا، پائالىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى باھالىشىغا شارائىت يارىتىش كېرەك.

  سۇڭ يۈيىڭ مۇنداق دېدى: خىزمەتلەرنى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئۆگىنىش – تەربىيەلەش ھەقىقىي بولدىمۇ – يوق؟ پىكىر ئېلىشتا مەسىلىلەر مەركەزلەشتۈرۈلدىمۇ قانداق؟ تۈزەش – ئەمەلىيلەشتۈرۈش پۇختا، ئۈنۈملۈك بولدىمۇ – يوق؟ دېگەن مەسىلىلەرنى قايتا ئەسلەپ تەكشۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىزدەش، يىغىندىن بۇرۇن سەمىمىي سىردىشىش، تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا ئەمەلىي بولۇش، تەنقىدلەش ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەشتە راستچىل بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشى، تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئۈمىدنى يەردە قويماي، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي ئىشلەپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، خىزمەت، ئىستىلدا ئەمەلىيەتچىل بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن يۇڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى 1 – ھالقىسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، 2 – ھالقىدىكى مۇھىم خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې، سۇڭ خاۋ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر