فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە مانىسا ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىكى كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 157 ئادەم قازا قىلغان.
رېيتىر ئاگېتنلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار سەھىيە ئەمەلدارىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ھازىرغا قەدەر 157 ئادەم 13-مايدىكى تۈركىيە مانىسا ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىكى كۆمۈر كان پارتلىشىدا قازا قىلغان.
مانىسا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، 600 غا يېقىن كان ئىشچىسى ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگەن قاپسىلىپ قالغان دېگەن، ئەمما بۇ سان تۈركىيە قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ (AFAD) ئىسپاتلىشىغا ئېرىشەلمىگەن، بۇندىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى 17 ئادەم دەپ خەۋەر قىلغان.