- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 237 تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى
2014.05.13 19:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ماي، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە، 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن، 5-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغان مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 237 تىپىك دېلو ئېلان قىلىندى. 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇيانقى بىر ئايدا، مەزكۇر تور بېكەت بەش قېتىمدا سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدىن 956نى ئېلان قىلدى.
12-چېسلا ئېلان قىلىنغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش، ھۆكۈمەت ماشىنىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىش، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ھېلىھەم ئېغىر ئىكەن.
ھۆكۈمەت ماشىنىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىش سەككىز بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش دېلوسى يۈز بېرىدىغان ئەڭ چوڭ ساھەگە ئايلانغان بولۇپ، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 237 دېلو ئىچىدىكى 50 نەچچە دېلو ھۆكۈمەت ماشىنىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىشكە چېتىشلىق ئىكەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر