2014-يىلى 12-ماي ئېلىمىزنىڭ 6-قېتىملىق جۇڭگو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى. دۆلەتنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدىكى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشتىكى ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 12-ماي چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ئەمالار مەكتىپىدە جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى، جۇڭگو مېيىپلار جەمئىيىتى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىرلىشىپ 2014-يىللىق 3-نۆۋەتلىك «تىنچ ئامان جۇڭگو ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئاممىۋىي پاراۋانلىق پائالىيىتى» ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەت ئەما كىشىلىرىمىز ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەمالارغا ماس كېلىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشتىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى.
پائالىيەت داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارغا تەشۋىقات بۇيۇملىرى ۋە ئوقۇش قوراللىرى تارقىتىلدى، پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇنىياز ساۋۇت ئوقۇغۇچىلارغا يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك لېكسىيە سۆزلىدى.