باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچى يەتتە مىليوندىن ئاشىدۇ

2014.05.04 09:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى سانى تۇنجى قېتىم يەتتە مىليونلۇق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ، تارىخى رېكورت يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى يەنىمۇ زورىيىدۇ. مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشتىن بايقىشىچە، 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى «يوشۇرۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش» شەكلى بىلەن نۆۋەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرغان. جۇڭگو ئالى مەكتەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىتتىپاقى تورىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار توردا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى، يوشۇرۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبەتەن جانلىق بولۇپ، خىزمەتتە كارخانا كەسپى ئورۇنلارغا تايىنىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئاسپىرانتلىققا، مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىش بىلەنمۇ چەكلەنمەيدۇ. مۇتەخەسسسلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يوشۇرۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش-نۆۋەتتىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش قېيىن بولۇشقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ۋاقىتلىق تەدبىر ياكى ئۆتكۈنچى چارە. 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ئالى مەكتەپلەر قاراتمىلىققا ئىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تەس بولۇشتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق قۇرۇلما زىددىيىتىنى ھەل قىلىشتا ئالى مائارىپنى ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر