ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى، فوتوسى:17 – ئاپرېل «جۇڭگو ئۇيغۇر چالغۇ ماكانى» دەپ نام ئالغان ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى جاي كەنتىدىكى «كۆسەن مەدەنىيىتى چالغۇ ئەسۋابلىرى كۆرگەزمە مەركىزى» دە ئىشچىلار ئالدىراش خىزمەتتە ئىدى. بۇلتۇر 10 مىليون 350 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلغان بۇ كۆرگەزمە مەركىزى بۇ يىل 1 – ئىيۇنغىچە كۆرگەزمە قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلىپ، سىرتقا ئېچىلىدىغان بولۇپ، كۇچادىكى «ۋاڭ ئوردىسى» سەيلىگاھى ساياھەت شېركىتى بۇ ئورۇننى ئاممىۋى خاراكتېرىلىق كۆرگەزمە ئورنىدىن سەيلىگاھقا ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەد قىلغان. كۇچا – توقسۇ ساياھەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ستراتېگىيەسى بويىچە كۆرگەزمە ئورنىنىڭ سەيلىگاھقا ئۆزگىرىشىگە دەسلەپكى قەدەمدە بىر مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، كۆرگەزمە ئورنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.