باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «يەنجىڭ مەكتىپى» بۇ يىل دۇنيادىكى سەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ

2014.05.07 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 5-چېسلا «يەنجىڭ مەكتىپى» پىلانىنى يولغا قويدى. بۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چىقارغان تۇنجى خەلقئارالىق ئالىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانى بولۇپ، بۇ يىل دۇنيادىكى سەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تاللىنىدۇ. بۇ مەكتەپتە «جۇڭگو سۇبيېكىتىنى ئاساس قىلىپ خەلقئارا رەھبەرلىك كۈچىنى يېتىلدۈرۈش» تەربىيەلەش پىرىنسىپى قىلىنىپ، «پەلسەپە ۋە دىن»، «تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە»، «تىل-ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت»، «ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش»، «قانۇن ۋە تۈزۈم»، «ئاممىۋى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت» قاتارلىق 6 يۆنىلىش بويىچە دەرس تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو جەمئىيىتى بىلەن كەڭ ئۇچرىشىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ پىلاندا جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى، تارىخ، پەلسەپە، خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىقتىساد باشقۇرۇش، ئاممىۋى سىياسەت قاتارلىق پەنلەر ئۆتىلىدىكەن، ئوقۇش مۇددىتى بىر يىل بولغان ماگىستىر ئاسپىرانت تۈرى يولغا قويۇلىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن. تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار 2015-يىلى كۈزدە ئوقۇشقا كىرىدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر