باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

مىترودىكى تىلەمچىنىڭ ئايلىق تاپاۋىتى 10 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىككى يۈرۈش ئۆيى بار ئىكەن(1)

2014.04.23 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلگىرى نەنجىڭ مېتىروسىدا پارچە پۇرات نەرسىلەرنى ساتىدىغانلار، ساختا تالون ساتىدىغانلار شۇنداقلا يەنە يولۇچىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ سودا قىلىدىغان مەككارلار، تىلەمچىلەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، لېكىن تۈنۈگۈندىن باشلاپ نەنجىڭ مېتىروسىدىكى قالايمىقانلىقنى ئوڭشاپ تەرتىپكە سېلىش يۈز كۈنلۈك پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى قەتئىي ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. لېكىن مېتىرودىكى بەزى تىلەمچىلەر ئوخشاشلا ‹ئەركىن ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسى›نى قوللىنىپ، ئۇ يەردىن قوغلىسا بۇ يەرگە بېرىپ، مېتىرودا يوشۇرۇنچە تىلەمچىلىك قىلىش ‹كەسپى›نى داۋام ئېتىۋاتاتتى. ئىگەللىنىلىشىچە، نەنجىڭ مېتىروسىدا تىلەمچىلىك قىلىدىغان بىر نەپەر تىلەمچىنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا سەككىز يىل بولغان بولۇپ، گەرچە ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ تىلەمچىگە يۈز قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيە قىلىپ جەرىمانە قويغان بولسىمۇ، لېكىن ‹ كەسپىگە سادىق › بۇ تىلەمچى داۋاملىق ھالدا ‹ ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ› كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە ؟ چۈنكى بۇ مېتىرو تىلەمچىلىرىنىڭ تاپاۋىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئۇلار بىر ئايدا ناھايىتى قىيىنالمايلا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىكەن. نەنجىڭ شەھەر ئاھالىلىرى يولۇچىلارغا مېتىرودا يولۇققان تىلەمچىلەرگە سەدىقە بەرمەسلىكنى چاقىرىق قىلدى.

  زامانىۋى تېز گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئەھۋال ئىگەللىشىچە، بۇ كەسپىي تىلەمچىلەر ئادەتتە بېلەت سېتىۋېلىپ مېتىروغا چىقىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ كەسپىگە سېلىنىدىغان كۈندىلىك دەسمايىسى ئارانلا 2 يۈەندىن 4 يۈەنگىچە بولىدىكەن. بۇ مېتىرودا جەمئىي 57 بېكەت، 80 تالدىن ئارتۇق ۋاگون بار بولۇپ، پەقەت نەنجىڭ شەھىرىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق مېتىرو قاتناش لىنىيىسىنى مىسالغا ئالساق، مەيگاۋ كۆۋرۈكىدىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەركىزىگىچە بولغان لىنىيىنىڭ تاق يۆنىلىش مۇساپىسىگىلا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ مېتىرو لىنىيىسىنىڭ ھەر بىر ۋاگونىدا ئالتەدىن كىچىك ۋاگون بار بولۇپ، ئەگەر تىلەمچىلەر ھەر بىر ۋاگوندىن ئىككى يۈەن سەدىقە تىلىيەلەيدۇ، ئۇ ھەر كۈنى 8 سائەت ‹خىزمەت قىلىدۇ›، شۇنداقلا بىر ئايدا 26 كۈن ‹ ئىشلەيدۇ› دەپ ھېسابلىغاندا ، بۇ تىلەمچىنىڭ ئايلىق تاپاۋىتى 4992 يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تىلەمچىلەرنىڭ تاپاۋىتىدىن ھېچقانداق باج ئېلىنمايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر