باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۇنجى ‹‹توك ئارقىلىق ئارمىيەگە ياردەم بېرىش›› قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

2014.05.13 09:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل چەت، يىراق جايدىكى يەتتە چېگرا مۇداپىئە ليەندۈيىدە توك ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ

  جۇڭ شيۇلىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئۇلاستاي 35 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ يانداشما توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا 8 – ماي ئىش باشلاندى، بۇ قۇرۇلۇش 8 – ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۇمكىن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلاستاي چېگرا پونكىتىنى قوغداۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 210 ئائىلىلىك چارۋىچى توك بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىدۇ. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ‹‹توك ئارقىلىق ئارمىيەگە ياردەم بېرىش›› قۇرۇلۇشى بولۇپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى چەت، يىراق چېگرا مۇداپىئە ليەندۈيىگە توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن، شۇنداقلا يىل ئاخىرىغىچە چەت، يىراق يەتتە ليەندۈينىڭ دېزىل موتور ئارقىلىق توك چىقىرىش تارىخىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تۆت يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى جەمئىي 424 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، توك تارقىتىلمىغان رايونلارغا ئومۇميۈزلۈك توك تارقىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان. 2011 – يىلى جاڭجۈنمياۋغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ 2013 – يىلى كىچىك قىزىل تاققا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق توك تورىنى ئۇلاستايغىچە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.

  دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يۈلىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھەربىي رايونى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇستەھكەم قورغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ئارمىيەنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئاساسلىق كۈچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان ‹‹توك ئارقىلىق ئارمىيىگە ياردەم بېرىش››قۇرۇلۇشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ئوتتۇرىغا قويغان خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەلىپىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توك ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ كەلدۇق. 1998 – يىلىدىن بۇيان جەمئىي 28 مىليارد 880 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 346 مىڭ 800 ئائىلە، 1 مىليون 371 مىڭ توك يوق ئائىلىنىڭ ۋە 31 چېگرا مۇداپىئە ليەنى، 13 چېگرا پورتىنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق.

  بۇ يىل دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى داۋاملىق ‹‹توك ئارقىلىق خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش››، ‹‹توك ئارقىلىق ئارمىيەگە ياردەم بېرىش››تۈرىنى يولغا قويۇپ، 3 مىليارد 470 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزىلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەشتىكى ئىشەنچىلىكلىكىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئېلېكتىر تورى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يەتتە چېگرا مۇداپىئە ليەندۈيى، ئۈچ پورتنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، 116 مىڭ ئائىلىگە توك يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر