يېقىندا، ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا « 24 سائەت يانفونسىز يۈرۈش» تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان ، تەجرىبىگە 30 نەپەر ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان بولۇپ، تەجرىبە باشلىنىپ 30 مىنۇتتىن كېيىنلا 14 نەپەر ئوقۇغۇچى، ئۈچ سائەتتىن كېيىن تەجرىبىگە قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلار چېكىنىپ چىققان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ھازىرقى ياشلارنىڭ قولىدا يانفون بولمىغاندا، جىددىيلىشىدىغان، تەشۋىشلىنىدىغان پىسخىك ئالامەتلەر ئومۇملىشىپ قالغان بولۇپ، «يانفون سىرتمىقى»غا چۈشۈپ قالغان ياشلار بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ.