- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايون خەلقئاراخەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتى بويىچە 100 ياشنى تەربىيەلەيدۇ
2014.05.13 09:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇبارەك ئىسمائىلنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون خەلقئارا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتى بويىچە 100 ياشنى ھەقسىز تەربىيەلەيدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، خەلقئارا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىدىغان 100 ياش مۇئەييەن چەت ئەل تىلى ئاساسى بولغان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، جەمئىيەتتىكى ياشلار، ياش ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن تاللىنىدىكەن. تىزىمغا ئالدۇرماقچى بولغانلار شىنجاڭ ياشلار جامائەت پاراۋانلىقى ‹‹جيانيەنخۇا›› تورىدىن ‹‹خەلقئارا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەش تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدۋىلى››نى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىغا يوللىسا بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر