باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى چىڭىتتى، ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى پەسەيدى

2014.05.13 19:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاۋازى «مەملىكەت خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىلدىن باشلاپ، مەملىكەت مىقياسىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش تۈرىنى تەڭشەش لايىھەسى يولغا قويۇلىدىكەن، ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانسىز قوبۇللاش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى، تەنتەربىيە تۈرى بويىچە قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇر 20دىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى يېقىندا بۇ يىل بېيجىڭ شەھەرلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئېتىبار بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار ۋە ئالاھىدە قوبۇللاش تۈرى ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، تۈرلۈك نومۇر قوشۇش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئوقۇغۇچى 11 مىڭ 282 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 3497 ئاز بولۇپ، 20 نەچچە پىرسەنت ئازايتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نومۇر قوشۇش تۈرىنىڭ سالمىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 6846 غا يېتىدۇ، لېكىن قوشۇلىدىغان نومۇر 10 دىن 5 كە ئازايتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل بېيجىڭ شەھىرى بويىچە ئىمتىھانسىز قوبۇللىنىدىغان ئوقۇغۇچى پەقەتلا 16 بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردىكىدىن زور نىسبەتتە ئازايغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر