باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل 2 مىليون ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كۆپەيتىپ تارقىتىلىدۇ

2014.05.13 09:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شىنيۈ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى باشلىقلىرى سۆھبەت يىغىنىدىن خۇش خەۋەر كەلدى: بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن شەنشى ئۆلكىسىدە داۋالانسا، دوختۇردىن چىققاندا داۋالىنىش ھەققىنى شۇ جايدا راسچوت قىلالايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا 2 مىليون ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى كۆپەيتىپ تارقىتىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن تارقىتىلغان ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى جەمئىي 7 مىليون 750 مىڭغا يېتىدىكەن، يەنە گەنسۇ، خەينەندىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە بىلەنمۇ ئۆلكە ھالقىپ راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي كاپالەتنى باشتىن – ئاخىر خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى قىلىپ كەلدى، 2011 – يىلىلا مەملىكەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئاپتونوم رايون ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى›› بىلەن ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى››نىڭ كۈتۈنۈش كاپالىتى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2010 – يىلى ئاپرېل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر، بازار نوپۇسىدىكى ‹‹7 – ماي ئىشچىلىرى›› ۋە ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىلىرى››نى شەھەر، بازارلاردىكى كارخانا ئىشچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش غەملەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 300 مىڭ ‹‹7 – ماي ئىشچىسى›› بىلەن ‹‹ئائىلە تاۋابىئات ئىشچىسى››نىڭ كۈتۈنۈش كاپالىتى مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ۋاكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى، يېزا – كەنت دوختۇرى قاتارلىقلارنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى سىستېمىسىغا؛ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تاقالغان، ۋەيران بولغان كارخانىلاردىن سۇغۇرتىلانماي پېنسىيەگە چىققان 142 مىڭ كىشىنى شەھەر، بازارلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا؛ دۆلەت كارخانىلىرىدىكى 16 مىڭ ‹‹ئىلگىرى ئىشتا يارىلانغان›› كىشىنى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش غەملەپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى بىلەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى جىپسىلاشتۇرۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلدىن باشلاپ تۆت يىلغىچە ئومۇمىي خەلقنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى تىزىملاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ: ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، سۇغۇرتىلاشقا تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىمكانقەدەر سۇغۇرتىلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سۇغۇرتا ھەققىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق مۇھىم توپلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش، داۋاملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەم بېجىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشچى – خىزمەتچىلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، بىر قەدەر يۇقىرى كۆزلىمە تەمىناتقا ئېرىشىشكە يېتەكلەيدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ‹‹ھەممىباب كارتىسى››نى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، راسچوت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئادىل، باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر