باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

2014.04.30 19:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، «1-ماي»دىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ مائارىپ خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى يى مۇنداق دېدى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مائارىپ خەرىتىسى ناھىيە-رايونلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىنچىكە تەڭشىلىدۇ، بايلىق جايلىشىشى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ. گورزىنتال بايلىقتىن ئېيتقاندا، ئالايلۇق، مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئەھۋالى، ئەلا سۈپەتلىك مەكتەپلەرنىڭ يېڭى شۆبە مەكتەپلىرىنىڭ ئادرېسى قەدەممۇ قەدەم ئېلان قىلىنىدۇ، ئوقۇش رايونى تۈزۈمى، مەكتەپلەر ئىتتىپاقى، مەركىزىي مەكتەپ ۋە شۆبە مەكتەپلەرنىڭ بىرىكىش ئەھۋالى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ۋېرتىكال جايلىشىشتىكى يېڭى ئۆزگىرىشنى ئالساق، رايون-ناھىيەلەر مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي جايلىشىشى ھەققىدە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىپ، باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا ئۆرلەپ ئوقۇش بويىچە يېڭى جايلىشىشنى تەدرىجىي ئېلان قىلىدۇ، ئۆرلەپ ئوقۇش يولىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە پىلانىنىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر