جۇڭگودا ساياھەت مەنزىرىلىرى سۈپىتى ئادەتتە بەش دەرىجىگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە (1A، 2A، 3A، 4A، 5A) قاتارلىق دەرىجىلەرگە ئايرىلىدۇ، 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى 5Aدەرىجىلىك ساياھەت رايونىدىن قالسىلا مەنزىرىسى گۈزەل ساياھەت رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇلتۇر ئاقسۇدا A4 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى بار بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا يېڭىدىن قوشۇلغان دولان قەبىلە رايونى بىلەن A4 دەرىجىلىك ساياھەت رايونىدىن تۆتى بار بولدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. تەڭرىتاغ ئونسۇ سىرلىق چوڭ جىلغىسى
2. كۇچا چوڭ جىلغىسى
3. كۇچا ۋاڭ ئوردىسى
4. تەڭرىتاغ سىرلىق ئورمان باغچىسى