كۇچا چوڭ جىلغىسى
كۇچا چوڭ جىلغىسى كۇچا ناھىيەسىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى جىلغىلار سانى كۆپ بولۇش بىلەن داڭلىقتۇر. جىلغىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5000 مېتردىن ئېشىدۇ، تاغ جىلغىسىنىڭ بېشى بىلەن ئايىغىنىڭ ئېگىزلىك پەرقى 200 مېترچە كېلىدۇ، جىلغىنىڭ ئەڭ كەڭ يېرى 53 مېتر، ئەڭ تار يېرى 0.4 مېتر. نەچچە يۈز مىليون يىللىق گېدرولوگىيەلىك ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى بۇ يەردە ئۆزگىچە بىر سىرلىق مەنزىرە شەكىللەنگەن.